好文档就是一把金锄头!
欢迎来到金锄头文库![会员中心]
电子文档交易市场
安卓APP | ios版本
电子文档交易市场
安卓APP | ios版本

牙库甫阿不拉说课稿.docx

13页
  • 卖家[上传人]:m****
  • 文档编号:550695405
  • 上传时间:2023-04-26
  • 文档格式:DOCX
  • 文档大小:32.78KB
  • / 13 举报 版权申诉 马上下载
  • 文本预览
  • 下载提示
  • 常见问题
    • 12«چۇنكى مەن -ئادەم»ناملىق دەرسنىڭ دەرسلىك دوكىلادى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەسىپداشلار،مۇتەخەسىسلەر:مەن توقسۇن ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ياقۇپ مۇئەللىم بۇلىمەن،مېنىڭ بۈگۈنكى بۇ تەتقىقات پائالىيىتىدە دوكىلاد قىلماقچى بولغان تېمام،شائىر تاھىر تالىپنىڭ «چۇنكى مەن-ئادەم»ناملىق شېئىرىنى ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ئىككى سائەتلىك دەرسنىڭ،دەرستىن بۇرۇنقى دەرس دوكىلادى:مەن بۇ دەرس دوكىلادىمنى تۈۋەندىكى يەتتە باسقۇچ بۇيىچە ئوتتۇرغا قۇيماقچى1.ماتىريال ھەققىدە تەھلىل.2.ئوقۇتۇش نىشانى.3. ئوقۇتۇش ئوسولى.4. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى.5. ئوقۇتۇش جەريانى ۋە دەرس مۇلاھىزىسى.6. تاپشۇرۇق لاھىيلەش.7. دوسكا لاھىيىسى.1ماتىريال ھەققىدە تەھلىل.1.دەرسنىڭ ئورنى ۋە رولى:«چۇنكى مەن-ئادەم»ناملىق شېئىر ـ مەجبورىيەت مائارپ دەرسلىكى 8-يىللىقلار ئۈچۈن (2-قىسىم) «تىل-ئەدەبىيات»دەرسلىكىنىڭ «ھايات تەسىراتلىرى» بابىغا كىرگۈزۈلگەن لىرىك شېئىر.بۇ شېئىر -ئوقۇغۇچىلارغا ئادەملىك قىممىتىنى تېپىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ ياشاش،يۇرت-ۋەتەننى ،گۈزەللىكنى ،مۇھەببەتنى سۈيۈش،غورور،ئەقىدەبىلەن ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھوقوقىنى قوغداپ ياشاش تەربىيىسى بىرىشتە رولى ناھايىتى چوڭ بولغان دەرس بايلىقى ھىساپلىنىدۇ.2.ئوقۇتۇش نىشانى:شائىر بۇ شېئىردا بىر ئادەم ھەقىقىي ئادەمدەك ياشايمەن دەيدىكەن،ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەل ئادەم قىلىشقا تىرىشىشى،ئۆزىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كىرەك،دېگەن ئىدىيىنى يەكۈنلىگەن.شۇ سەۋەبلىك تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك ئۆلچىمى ۋە ئەسەرنىڭ تۈزۈلۈش مەزمون جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ بىلىم ۋە ئىقتىدار،جەريان ۋە ئوسول،ھىسسىيات،پوزۇتسىيە،قىممەت قارىشى نىشانلىرىنى تۈۋەندىكىدەك لاھىيلىدىم.(1) بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى:شائىر تاھىر تالىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش.لىرىك شېئىر ۋە ئىنتىم لىرىكىسى،ئالتىلىك شېئىرلار ھەققىدە دەرسلىككە بىرلەشتۈرۈپ نەزىريىۋى ۋە ئەمىلى تەربىيە بېرىش.يۇقارقى نوقتىلارنى بېلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى قىلىشىمدىكى سەۋەب : بۇ شېئىر ئىنتىم لىرىكىسى،ئالتىلىك شەكىلدە يېزىلغان،بۇ مەسىلىنى ئوقۇغۇچىلارغا بېلدۈرۈش مۇھىم نوقتا ھىساپلىنىدۇ،دەرس ئۆلچىمىدە تەلەپ قىلىنغان قۇراللىق خارەكتىر بۇ دەرسكە نىسپەتەن مۇشۇ نوقتىدا گەۋدىلىنىدۇ. (2) ئالتىلىك شېئىرلارنى باشقا شېئىرلاردىن پەرىقلەندۈرەلەيدىغان ئىقتىدار ھازىرلاش.لىرىك شېئىرلارنى دىكلىماتسىيە قىلىپ ئوقۇش جەھەتتە بىر بالداق ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىش. (3)ھىسسىيات،پوزۇتسىيە،قىممەت قارىشى نىشانى:شائىرنىڭ شېئىردا ئىپادىلىگەن ھىسسىياتىغا بىرلەشتۈرۈپ،پۈتكۈل جەمىيەت مىقياسىدا ئادەملىرىمىزماددىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ، ئادىمىيلىك كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىۋاتقان،ئەنئەنىۋى ئادىمىيلىك قىممەت قاراشلىرىمىز خىرىسقا دۈچ كېلىۋاتقان،ئەۋلادلارنىڭ ئادىمىيلىك خارەكتىر يىتىلدۈرۈشىدە تەربىيلەش مەسئوليىتى بولغان جەمىيەت ۋە ئائىلىلىرىمىز ئاجىزلىق قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئادىمىيلىك ساپاسىدا مەسىلە كۆرۈلىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا مۇشۇنداق بىر دەرس بايلىقى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۇرت-ۋەتەننى سۈيۈش،گۈزەللىكنى سۈيۈش،مۇھەببەتنى قەدىرلەش،ئىززەت-ئابرويىنى،ۋىجدان-غورورىنى قەدىرلەش،ئادالەتنى،ھەققانىيەتنى ياقلاش،خەلىقپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىش،ھەقىقىي ئادىمىيلىك سۈپەت بىلەن ،ئەقىدە بىلەن ياشاش،ئۆزىنى ھەر ۋاقىت تاكاممۇللاشتۇرۇشقا ئىنتىلىش تەربىيىسى بېرىشنى ھىسسىيات،پوزۇتسىيە،قىممەت قارىشى نىشانى قىلدىم.ھىسسىيات،پوزۇتسىيە قىممەت قارىشى نىشانىنى مۇنداق بەلگىلىشىمدىكى سەۋەب: قۇراللىق خارەكتىر بىلەن گۇمانتارلىقنىڭ بىرلىكى ـــ تىل-ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى.ئۆتكەن بىر مەزگىلدىكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىزدا تىل-ئەدەبىياتنىڭ قۇراللىق خارەكتىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ ئىدىيىۋىلىكىگە سەل قارايدىغان،ئىدىيىۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ،قۇراللىق خارەكتىرىگە سەل قارايدىغان،قۇراللىق خارەكتىرى ۋە ئىدىيىۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ گۇماننتارلىقىغا سەل قارايدىغان مەسىلىلەر ساقلاندى.مەن مۇشۇنداق بىر ھىسسىيات، پوزۇتسىيە،قىممەت قارىشى نىشانى ئارقىلىق مۇشۇ دەرستە ئىدىيىۋىلىككىمۇ ئەھمىيەت بېرىش،گۇمانتارلىققىمۇئەھمىيەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.مۇھىم نوقتا ؛1.ئوقۇغۇچىلارغا شېئىردا شائىرنىڭ قانداق ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەنلىكىنى ئىگىللىتىش.2.ئوقۇغۇچىلارغا شېئىردا تەشەببۇس قىلىنغان ئادىمىيلىكنىڭ مەزمونىنى چۈشەندۈرۈش.يۇقارقى ئىككى نوقتىنى مۇھىم نوقتا قىلىشىمدىكى سەۋەب:دەرسلىك ئۆلچىمىدىكى دەرسنىڭ ئومومىي نىشانىدا: تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتنى،سوتسىيالىستىك ئەخلاق-پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ،ئاكتۇئال كىشىلىك پوزۇتسىيە ۋە توغرا قىممەت قارىشىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ،مەدەنىيلىك سۈپىتى ۋە ئىستىتىك ھەۋىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش دەپ كۆرسىتىلگەن.يۇقارقى ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق مۇشۇ دەرستە يۇقارقى ئومومىي نىشانغا ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىگىلى بۇلىدۇ.3 .شېئىردىكى تەكرارلاشنىڭ رولىنى بىلدۈرۈش.بۇ مەسىلىنى مۇھىم نوقتا قىلىشىمدىكى سەۋەب:تۆتىنچى ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى يەنى 7-8-9-يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نىشانىدا ؛ئوقۇغۇچىلار تىكىسىتلەرنى پىششىق ئوقۇش جەريانىدا پىكىر يوللىرىنى ۋە ئاساسىي مەزمونىنى چۈشىنىش؛مۇھىم سۆز جۈملىلەرنىڭ كونكىرىت تىل شارائىتىدىكى مەنىسى ۋە رولىنى چۈشىنىش ۋە شۇ ئاساستا جانلىق ئىشلىتەلەيدىغان بۇلۇش.ئەسەردىكى مول ئىپادىلەش كۈچىگە تىلنى ھىس قىلالايدىغان بۇلۇش،ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى-ھىسسىيات خاھىشىغا مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى باغلاپ ئۆز باھاسىنى ئوتتۇرغا قۇيالايدىغان بۇلۇش دەپ بەلگىلەنگەن مەن يۇقارقى سۇئال ئارقىلىق مۇشۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن.قىيىن نوقتا:شائىرنىڭ شېئىردا ئوتتۇرغا قۇيغان 。

      点击阅读更多内容
      相关文档
      云南省红河州河口县语文二年级下学期期末试题+2020-2021学年.pdf 八年级生物开学摸底考(人教版)(答题卡).pdf 云南省文山州砚山县数学四年级下学期期末试题 2020-2021学年 (2).pdf 八年级生物开学摸底考(辽宁专用)(答题卡).pdf 八年级生物开学摸底考(海南专用)(答题卡).pdf 云南省昆明市五华区数学四年级第二学期期末考试 2020-2021学年.pdf 八年级生物开学摸底考(南京专用)(答题卡).pdf 八年级生物开学摸底考(湖南专用)(答题卡).pdf 云南省德宏州语文五年级下学期期末试题 2020-2021学年答案zq.pdf 八年级生物开学摸底考(武汉专用)(答题卡).pdf 2022年盐城市中考化学试卷答案.pdf 云南省德宏州语文四年级下学期期末试题 2020-2021学年.pdf 云南省德宏州数学四年级下学期期末试题 2020-2021学年.pdf 云南省德宏州数学五年级下学期期末试题 2020-2021学年数学答案zq.pdf 八年级生物开学摸底考(福建专用)(答题卡).pdf 八年级生物开学摸底考(全国通用)(答题卡).pdf 八年级生物开学摸底考(广西专用)(答题卡).pdf 八年级生物开学摸底考(广州专用)(答题卡).pdf 云南省昆明市盘龙区数学四年级第二学期期末考试 2020-2021学年.pdf 云南省昆明市盘龙区语文二年级第二学期期末考试 2020-2021学年(人教部编版无答案PDF).pdf
      关于金锄头网 - 版权申诉 - 免责声明 - 诚邀英才 - 联系我们
      手机版 | 川公网安备 51140202000112号 | 经营许可证(蜀ICP备13022795号)
      ©2008-2016 by Sichuan Goldhoe Inc. All Rights Reserved.